نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇدىرى 180 مىڭ سوم پۇلنى يەپ كەتتى

يېقىندىن بۇيان تور بېكەتلىرىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا ئائىت سەتچىلىكلەر ۋە پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.11

بولۇپمۇ 2010-يىلى 5- ئايدا ئېچىلغان ئاتالمىش شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ 19 ئۆلكە،شەھىرىگە تەقسىم قىلىنىپ، رايونغا خىتاي شىركەتلىرى يەرلەشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

خىتاي قانۇن تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ جاڭ فامىلىلىك مۇدىرىنىڭ نامراتلار ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغان 180 مىڭ سوم پۇلنى خىيانەت قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئۇ 5-دېكابىر كۈنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

2010-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى بارغانچە ئېغىرلاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ پارىخور ئەمەلدار دەپ تەرىپلەنگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاۋ باۋخۇا بۇ يىل 7-ئاي مەزگىلىدە 34.65 مىليون سوم قىممىتىدىكى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ دۇ فامىلىلىك ئاشنىسىمۇ 21 مىليون سوم قىممىتىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.