يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق زەربە بېرىش باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى يىل ئالدىدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايوننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ھەرقايسى يولۇچى بېكەتلىرىنى ساقچىلار قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيىتى بولمىغان ئاساستا كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستى - بېشىنى خالىغانچە تەكشۈرۈپ، خالىغانچە قولغا ئالماقتا ئىكەن.

دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر، ساقچىلارنىڭ ئاختۇرۇشىغا ئۇچرىغان ۋە كېيىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال كىشىلەر ئىكەن.

ئىستانسىمىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جەنۇبىي ۋوگزال ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ۋە 6 نەپەر كىشىنىڭ يېنىدا كىملىكى بولمىغانلىقتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، تەكشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ھازىر ئۈرۈمچىدە ھەر قايسى بېكەتلەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، چارلاش خىزمەتلىرىنىڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قاتتىق زەربە بېرىش ۋە چارلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىلا نىشان قىلغانلىقىنى، ئەكسىچە خىتايدىن كېلىۋاتقان مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.