خىتاي قەشقەرنى ئېچىش ۋە كۆچمەن يۆتكەش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى قەشقەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىش ۋە بۇ جايغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن جەلپ قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت قەشقەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە مەزگىلى يېتىپ كېلىش مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىزمەت پىلانىنى كۈچەيتىش، قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىساد رايونىنى ئېچىش خىزمەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈشنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان تۆمۈر يول، ھاۋا يوللىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغان. بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى-قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولى بىر مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇغان.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتايلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.