قەشقەر ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى
2011.08.02
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان قەشقەرگە كىرىدىغان يوللار قامال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەردە كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رامزان مەزگىلىدە رېستورانلارنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 1-ئاۋغۇست رامزاننىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر رېستوران-ئاشپۇزۇللىرى، ھەتتا ئۇيغۇر باققاللىرى كۈندۈزى تىجارەتنى توختاتقان.
قەشقەردىكى ۋاڭ ۋە لىياڭ فامىلىلىك ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈندىن بۇيان قەشقەر كوچىلىرىنى قوراللىق ساقچىلار قاپلىغان، ساقچىلار نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان.
قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمە كۈچەيگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى كېچە سائەت 10دىن كېيىن قوللىرىغا توقماق كۆتۈرگەن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى قەشقەر شەھىرىدىكى مەيدانغا توپلىنىپ، ھۆكۈمەتتىن قەشقەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى ئەگەر جىددىي ئىشى بولمىسا سىرتقا چىقمىغان، سىرتتىن قەشقەرگە ئىشلەمچىلىككە كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلىرىمۇ قەشقەردىن ئايرىلىش تەييارلىقىغا چۈشكەن. ئۇيغۇرلار دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشنى باشلىقىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ئاساسەن تىجارەتنى توختاتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى كېچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ توقماق كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن غېنى تۇردى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش تېلېفوندا باشقا ئۇيغۇرلارغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇلارنى ئۆز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغىنى ئۈچۈن، كېچە سائەت 12 ئەتراپىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
دىلشات رىشىت يەنە نۆۋەتتە قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قەشقەر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.