سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى
2012.09.02
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق پرېزىدېنت ئاقايېف، ئۆزىنىڭ 20 يىللىق رەھبەرلىك جەريانىدا پۈتۈن كۈچى ۋە بىلىمىنى سەرپ قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەرياندا بىر قانچە خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرمانبېك باقىيېفنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىق بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئاقايېف قىرغىزلار جۈملىدىن قىرغىزىستانلىقلارنى مۇستەقىللىق كۈنى بىلەن تەبرىكلەش بىلەن قىرغىزلار ۋە قىرغىزىستانلىقلارنىڭ ئۆزىنى كەچۈرمىشىنى سورىغان. ئۇ، يەنە 2005 - يلى ئۇ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتنى تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، ھېچقانداق قان تۆكۈلۈش كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف ھازىر موسكاۋادىكى رۇسىيە ئىقتىساد ئاكادېمىيىسىگە پروفېسسورلۇق خىزمىتى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنى ئاغدۇرىۋەتكەن قۇرمانبېك باقىيېف 2010 - يىلى ئوخشاشلا روزا ئوتۇنبايېۋا قاتارلىق ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، بېلارۇسىيىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى،. لېكىن، ئۇنىڭ خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى نامەلۇم.