قىرغىزىستاندا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

قىرغىزىستان دۈشەنبە كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 200 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان بولۇپ، مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنى رۇسىيە تەمىنلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.08.30

قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا، ئىستانسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "بۇ دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇدۇ. بۇنىڭدىكى نەتىجىمىز دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ھالدا ياشناپ كېتەلەيدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى."

مەزكۇر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى 1990 - يىلى توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۈچ يىل بۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۇ مەنبەسى مەسىلىسى بەزى قوشنا دۆلەتلەردە جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ بىر قىسىم سۇ مەنبەسى قىرغىزىستاندىن كېلىدىغان دەريالارغا تايىنىدىكەن. ئەگەر قىرغىز دائىرىلىرى ئۆزىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريالارنىڭ سۈيىنى كۆپلەپ ئىشلەتسە، بۇ، قوشنا دۆلەتلەردە سۇ قىسقىلىق مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

تېخى بۇ يىل ئىيۇندا قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە قىرغىزلار جالالئاباد قاتارلىق رايونلاردا ئۆزبېك پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.