رابىيە خانىم خىتاي بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

1 - سېنتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلدا زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى پارلامېنتى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنىقد قىلغان شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم " مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز بىلەن ئولتۇرۇپ يۈز تۇرانە دىئالوگ ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتى كەلدى،بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 6 - يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى مەغۈلۇبىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز ھەمدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتتە پىكىرلىشەلەيمىز،" دېگەن.

رابىيە خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا قىلغان نۇتقىدا :"خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش ۋە زوراۋانلىقى بىلەن شەرقي تۈركىستاندىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن ۋە ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بېسىم ئىشلىتىشقا چاقىرغان.

رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېريۇسېلغا زىيارەتكە بارغان ئىدى. ئۇنىڭ بېريۇسېلدىكى زىيارىتى 5 - سىنتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ھەمدە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا مەخسۇس دوكلات بېرىدۇ ھەم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.