قىرغىزىستان يېڭى پرېزىدېنت سايلام كۈنىنى بېكىتى

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى كېڭىشى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلام كۈنىنى رەسمىي بېكىتتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.07.03

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، مەركىزىي ئاسىيادىكى بىردىن-بىر پارلامېنت سىستېمىسىدىكى دۆلەت -قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى كېڭىشى بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلام كۈنىنى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

2010-يىلى ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئۆكتىچىلەر رەھبىرى روزا ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى بولغان ھەمدە كېيىن رەسمىي پرېزىدېنت قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئېلىنغان قارار بويىچە روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى بۇ يىل 12-ئايدا توشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىغا ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىش سالاھىيىتى يوق.

بىراق يېقىندىن بۇيان قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات ۋە پارتىيە گۇرۇھلار روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە پارلامېنت ئىچىدە بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپلار مەيدانغا چىققان ئىدى.

پەرەز قىلىنىشىچە 30-ئۆكتەبىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتتىكى چوڭ پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئون نەچە كىشىنىڭ ئۆزىنى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشى مۇمكىن ھەمدە روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىش ۋە ياكى ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا يەنە چۈشىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.