ياپونىيە سېنكاكۇغا يېقىن جايغا ھەربىي ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشماقتا
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.16
2013.01.16
باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايغا ھەرىكەتچان رادار سىستېمىسى ۋە باشقا ھەربىي ئالاقە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە كېلەر يىللىق ھەربىي خام چوتتىن پۇل ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلگەن.
بايانچى ئىتسۇنورى ئوندەرا ئالدىنقى كۈنى: غەربىي جەنۇبىي سۇ تەۋەلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەرخىل چارىلەر ئۈستىدە ئويلىشىۋاتىمىز، دېگەن ئىدى.
سېنكاكۇ ئارىلىرىنى خىتايلار «دياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتايدۇ.
بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى ئۇلغايغاندىن بۇيان ياپونىيە سېنكاكۇغا يېقىنلاشقان خىتاي تەكشۈرۈش ئايروپىلانلىرىنى توسۇش ئۈچۈن 4 قېتىم ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان ئىدى.