ياپونىيە خىتاي ھەربىي پاراخودىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە پاراكەندىچىلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان «جياڭۋېي» ناملىق ھەربىي پاراخوتى 30-يانۋار كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لار ئەتراپىدا 3 كىلومېتىر ئارىلىقتىن ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ «شىلى» ناملىق پاراخوتىغا رادارنى كونترول قىلىش توپى ئاتقان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.05

ئۇندىن باشقا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «جياڭكەي» ناملىق ھەربىي پاراخوتىمۇ 19-يانۋار چۈشتىن كېيىن 5 لەر ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ «داپو» ناملىق پاراخوتىدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىمۇ رادار ئارقىلىق نىشانغا ئالغان ئىدى. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسونورى ئونودېرا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى خىتاي تەرەپنى ئۆز قىلمىشىغا دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان.

يېقىندىن بۇيان سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.