ياپونىيە تۇنجى قېتىم شىمالىي كورىيە قاچاقلىرىغا پاناھلىق بەردى

ياپونىيە بۈگۈن شىمالىي كورىيىدىن قولۋاق بىلەن قېچىپ ياپونىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەن ئۈچ ئەر، ئۈچ ئايال، 3 بالا قاچاققا پاناھلىق بەردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاچاقلارغا پاناھلىق بېرىش بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-09-14
Share

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 1987-يىلى ۋە 2007‏-يىلى شىمالىي كورىيىدىن قېچىپ كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارنى شىمالىي كورىيىگە تۇتۇپ بەرگەن ئىدى. بۈگۈن ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىڭ باشلىقى ئوسامۇ فۇجىمۇرا باياناتىدا، بۇ شىمالىي كورىيە قاچاقلىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كېتىش تەلىپىنىمۇ ئورۇنلاشقا ۋەدە بەردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت