گۈلمىرە ئىمىن ۋە مەمەتجان ئابدۇللا خەلقئارا سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئىمىن ۋە مەمەتجان ئابدۇللا 2012-يىللىق خەلقئارا سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.12.20

مەزكۇر مۇكاپات خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېسىمىغا قارىماي، پىكىر ئەركىنلىكىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ خاتىرىسىگە ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىللىق پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا خىتاي دۆلەت تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 12 كىشى لايىق كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈلمىرە ئىمىن ۋە مەمەتجان ئابدۇللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 سى ھېلىھەم تۈرمىلەردە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدا ھەق گەپ قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر قاماق جازالىرى بىلەن جازالىنىشى خىتايدىكى بېسىمنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ قەھرىمان يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە پائالىيەتچىلەر ھۆكۈمەت سىزىپ بەرگەن قىزىل سىزىقلارغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق، باشقىلارغا ئەركىن سۆز قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە تىرىشتى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىنى تولىمۇ ئېغىر تۆلىدى» دېدى.

گۈلمىرە ئىمىن ۋە مەمەتجان ئابدۇللا ھەر ئىككىلىسى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانۇنسىز نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئۇچۇر تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.