پانېتتا، تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا ۋەتەنپەرۋەر، ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرۇق قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا، تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا 400 كىشىلىك ئەسكەر بىلەن ئىككى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەترىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرۇق قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.12.14

بۇ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئالدىنقى سەپكە يېقىن لىنىيىگە ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. لېئو پانېتتا جۈمە كۈنى كابۇلدىن تۈركىيىگە كېتىۋېتىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان.

بىراق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جورجى لىتېل، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق بومبىلارنىڭ پەقەت مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئاتقۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پانېتتا، تۈركىيىگە كېتىۋېتىپ يەنە: باشار ئەل-ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، دېگەن.

ئەسەد ئارمىيىسى يېقىندا ئىسيانچى كۈچلەرگە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان. بۇ تۈركىيىنىڭ چېگراغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.