خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تېپىلغان خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار زاپىسى 1996-يىلىدىن بۇيان لوپنۇر كۆلى رايونىدا ئېچىلىشقا باشلىغان تۇز زاپىسىدىن كېيىن ئېچىش بەلگىلەنگەن كۆلىمى زور بولغان رەڭلىك مېتال زاپىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كان ئىدارىسى رايوندا 12 جايدا كان ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىللىق تەرەققىياتىدا ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە خامئەشيا مەنبەسى قىلىنغان بولۇپ، رايوندىكى يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن رايونغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بارغانچە زورىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، بۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوندا بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.