ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئورگىنىغا يېڭى باشلىق تەيىنلەندى

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئورگىنىغا ماتتىۋ ئولسېننى باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-07-27
Share

بۇ يېڭى باشلىق كېڭەش پالاتاسىدا، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولفنىڭ سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، 2009‏-يىلى ھۆكۈمەت گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ۋېرجىنيا شتاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىلان ئەينى ۋاقىتتا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قاراردىن ئۆتمىگەن ئىدى دەپ چۈشەندۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئورگىنىغا يېڭىدىن باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن ئولسېن ھازىر، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ دېلولىرىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت