تەيۋەن ھەربىي ئەمەلدارى: تەيۋەن ئۆزنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئۆزىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەيۋەننىڭ ئۆزنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.07.19

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاللىقاچان تەيۋەننى قامال قىلىش ھەم تەيۋەن قۇرۇقلۇقىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 تەيۋەن ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ھەربىي ئەسلىھەلەر مۇسابىقىسى قىلمىغان شەرت ئاستىدا، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياڭ نىيەنزۇ سۆزىدە: «يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆرۈنۈشتە يۇمشىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئارقىلىق تەھدىت سېلىشنى توختاتمىغان» لىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.