لخاسانىڭ «خىتايدىكى ئەڭ بەختلىك شەھەر» دەپ باھالىنىشى مەسخىرىگە ئۇچرىدى

چەتئەللەردىكى تىبەت تور بېكەتلىرى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، لخاسا شەھىرىنىڭ «2012-يىلى خىتايدىكى ئەڭ بەختلىك شەھەر» دەپ باھالانغانلىقىغا قارىتا مەسخىرە ھەم كىنايىلىك خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىدى.

خىتاي مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 19-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزگەن «2012-يىللىق بەختلىك شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى» پروگراممىسىدا، لخاسا شەھىرىنى خىتايدىكى ئەڭ بەختلىك 10 شەھەرنىڭ 1-سى، دەپ ئېلان قىلغان. بۇ تىزىملىكتە لخاسا شەھىرى، چۇڭچىڭ شەھىرى، تەييۈەن شەھىرى ۋە چاڭشا شەھىرى ئالدىنقى 4 قاتارغا تىزىلغان. ھالبۇكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرى، خىتايدىكى بەختلىك شەھەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

لخاسا شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي پۇقراسى، بۇ باھالاشقا قارىتا ئەجەبلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ «مەن لخاسادا ياشايمەن، ئەمما ئۆزۈمدە بەخت تۇيغۇسى سەزمىدىم. يەرلىك تىبەتلىكلەر ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلىسا بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما مېنىڭچە، لخاسادىكى تىبەتلىكلەردە خىتايلىشىش ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ھازىر تىبەتلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى پەقەت تىبەت راھىپلىرىلا كىيىدۇ، باشقىلارنىڭ كىيگىنىنى كۆرمىدىم. بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشلارمۇ خىتاي ئۇسلۇبىدا...» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مەركىزى ھىندىستاندىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاينى ئەيىبلەپ «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇشى سەۋەبىدىن، ھازىرغىچە 49 تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن لخاسا شەھىرىنى ئەڭ بەختلىك شەھەر دەپ ئېلان قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدىكى يالغانچىلىق ۋە نومۇسسىزلىقنى ئىپادىلىمەكتە.» دېدى.