چىڭخەيدىكى تىبەتلەرنىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى باشقا جايلاردىكى تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا تۇتاشقان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.22
2010.10.22
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، رېبكوڭدا باشلانغان نامايىشنىڭ غەربىي چىڭخەيدىكى قوشنا ناھىيىلەرگە تۇتىشىپ، شىگورتاڭ، چابچا، تاۋو ناھىيىلىرىدە نەچچە يۈز كىشىلىك، ھەتتا بەزى ناھىيىلەردە نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، راست - يالغانلىقى دەلىللەنمىگەن بەزى ئۇچۇرلاردا نامايىشنىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئارىسىغا تارقىلىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ قوراسىدا 200 - 300 كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى ئۆتكەن ئاي ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى چياڭ ۋېينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ چىڭخەيدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى بىرلا تىلدا يىلغا قويۇشنى تەرغىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. چياڭ ۋېينىڭ سۆزى چىڭخەيدىكى تىبەتلەردە ئەندىشە قوزغاپ، تىبەت تىلىنى قوغداش نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
يەرلىك كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر خۇاڭنەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەكتەپلەردە تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەدەبىياتتىن باشقا بارلىق دەرسلىكلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە بۇ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى چياڭ ۋېي پەيشەنبە كۈنى خۇاڭنەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، ئاتا - ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئوقۇغۇچى ھەم ئاتا - ئانىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.