تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى تىبەتلەرنى چاغاننى تەبرىكلىمەسلىككە چاقىردى

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي جۈمە كۈنى تىبەتلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تىبەت چاغىنى-لوسار بايرىمىنى تەبرىكلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.25

تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلدىن بېرى جەمئىي 99 نەپەر تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. لوبساڭ سانگاي مۇنداق دېگەن: بۇ تراگېدىيىلىك ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تىبەتلەردىن لوسار بايرىمىدا نورمال تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلىمەن.

ئۇ، تىبەتلەرنى بايرامدا مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى نامايان قىلىشقا، ئىبادەتخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا چاقىرغان.

لوبساڭ سانگاي مەزكۇر چاقىرىقنى ئېلان قىلىشتىن سەل بۇرۇن گەنسۇنىڭ تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر ئىبادەتخانا ئالدىدا كونچاك كياب ئىسىملىك 26 ياشلاردىكى بىر تىبەت چارۋىچى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان بۇ ياش ئۆلگەن.

مۇتلەق كۆپچىلىك تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ دىنىي باستۇرۇش، تىبەت مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى تىبەتكە كۆچۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.