تىبەت رايونىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ئېگىزلىكىدىكى چىڭخەينىڭ يۈشۇ رايونىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، يەنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقان.

بۇ ھەقتە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى مەلۇمات بەرگەن. مەلۇمات بويىچە 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە جەمى 2203 ئادەم ئۆلگەن، 73 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىي تەرەپ، بۇ يەردىكى قىسىملارنىڭ ئەمدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئاپەت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يارىدار بولغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە تىبەت مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە قۇتۇلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن.

ئۆتكەن ھەپتىدىن تارتىپ، تىبەتلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدا قار يېغىش، ئارقىدىن يامغۇر يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتەك ھادىسىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان.

يۈشۇ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ يۇرتى بولۇپ، ئۇ شۇ يەرگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپتىن رەت قىلىنغان.