'تيەنئەنمېن ئانىلىرى' تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا باشلىنىدىغان بىر مەزگىلدە، 1989 ‏ ‏ - يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى جۈمە كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

"تيەنئەنمېن ئانىلىرى" ئوچۇق خەتتە، ھەربىيلەرنىڭ 1989 - يىلى 3 - ۋە 4 ‏ - ئىيۇندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى شۇنداقلا ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

" 4 - ئىيۇن قىرغىنچىلىقى ئاللىبۇرۇن تارىخنىڭ شەرمەندە بېتىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ۋەقەنى 'سىياسى ئىغۋاگەرچىلىك' ياكى ' ئېغىر سىياسى قالايمىقانچىلىق' دەپ خۇنىكلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ"، دەپ تەكىتلەنگەن ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: "بۇ ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا سىغمايدىغان بىر جىنايەت. ھېچقانداق كۈچ بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن مىڭلىغان جانلارنىڭ تانكا قاتارلىق قوراللار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ياپالمايدۇ".

"تيەنئەنمېن ئانىلىرى" ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى، قىرغىنچىلىقتا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئوچۇق خەت جۈمە كۈنى مەركىزى نيۇ يوركتىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. "تيەنئەنمېن ئانىلىرى" ھەرىكىتىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى دېڭ زىلىن قوزغىغان بولۇپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن ھەرىكەتتۇر.