خىتاي ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىر ئالماقتا

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ سوتچىلىرىنى خىتاينىڭ سوت، ئەدلىيە تۈزۈمى بويىچە تەربىيىلەپ چىقىشنى جاكارلىغان.

خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ بۈگۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى ۋاڭ شېڭجۈن بۈگۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سوت مەھكىمە باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 21 كۈنلۈك كۇرس ئېچىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ 25 نەپەر سوتچىسىنى خىتاينىڭ سوت، ئەدلىيە تۈزۈمى بويىچە تەربىيىلەپ چىقىدۇ، دەپ جاكارلىغان.

خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما چېڭيۇەن، خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللانغان بۇ يېڭى تەدبىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، گەرچە ھازىر تېررورچىلار ۋە جىنايەتچى گۇرۇھلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە چېگرا ئاتلاپ قىلىۋاتقان ھەرىكىتى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادا ھازىر «ئۈچ خىل كۈچلەر» قايتىدىن تىرىلدى، زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرى ئەۋج ئالدى، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان يېڭى رىقابەت دېگەن.