95 خىتاي شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن ئىش باشلىماقچى

خىتاينىڭ مەملىكەت بويىچە شىنجاڭدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارغا ياردەم بېرىش يىغىنى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭسۇ ۋە شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى بىر تۈركۈم سودا - سانائەتچىلەر ئۆز ‏- ئارا ئۇچراشتۇرۇلغان ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

يىغىن نەتىجىسىدە 95 شىركەت ئۇيغۇر ئېلىغا جەمئىي 5 مىليارد 275 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن. بۇلارنىڭ ئېلىپ بارىدىغان تىجارەتلىرى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، ئاساسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئۆي-مۈلۈك ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق 7 چوڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خەۋەردە مەزكۇر يىغىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دەپ تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يىغىندا يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ھېچقانداق سۆز تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئىلھام توختى ئۆتكەن ئايدا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ چەتكە قېقىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇشقا چاقىرغان ئىدى.