بۇ يىللىق ئولىمپىككە 69 كىلوگراملىقلار بويىچە بوكسچى تاللاش مۇسابىقىسى 5-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ ئۆز گۇرۇپپىسى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولۇپ، بۇ يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تاللانغان ئىدى.
2000-يىلى سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇراخمان قاتناشقان. گەرچە ئۇ مۇسابىقىدە چوڭ نەتىجە قازىنالمىغان بولمىسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا غايەت زور مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلىغان ئىدى.
بىز مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭغا نەتىجە ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز.