مەكتەپ قۇرۇش نامىدا ئىگىلىۋېلىنغان زېمىنلارغا سودا دۇكانلىرى سېلىنىدىغانلىقى يەر ئىگىلىرىنى غەزەپلەندۈردى

قەشقەر شامالباغ يېزىسىدا مەكتەپنى كېڭەيتىپ قۇرۇش نامىدا ئۆي-زېمىنلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن 100 نەچچە ئائىلىگە ۋەكىل بولۇپ، يېقىندا بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇرلار، گەرچە تۈرلۈك بېسىم ۋە قورقۇتۇشلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرى يولۇققان ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن، ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا داۋاملىق تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يازدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ چېقىۋېتىلگەن زېمىنلارغا سودا دۇكانلىرى سېلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن،ئالدانغانلىقىنى بىلگەن زېمىن ئىگىلىرىنىڭ غەزىپى تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە بۇ ئىشقا بىۋاسىتە قول تىققان ئەمەلدارلار ئۈستىدىن داۋاملىق ئەرز قىلىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىغان.

رادىئومىز ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، قەشقەر شامالباغ يېزىسىدىكى ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن 100 نەچچە ئائىلە ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولۇپ، بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇخالىق ھوشۇر ۋە مەمتىمىن قادىر قاتارلىق ئىككىيلەننىڭ 31-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.