د ئۇ ق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىلغان بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئىختىلاپ ۋە باراۋەرسىزلىك يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىختىلاپ ۋە باراۋەرسىزلىك ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى رايونغا زور مىقداردا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىنىڭ يىلتىزى يەنىلا ھەل قىلىنمىغانلىقىنى، تەرەققىيات سىياسىتىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتدار بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يەكلەش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى» نى تەنقىدلىگەن.

ئۇلارنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ يەنە رايوندىكى خىتايلارنى تەرەققىياتتىن نەپ ئالىدىغان ئاساسلىق كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ توي قىلىش يېشىدىكى ياش ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانى ئۇيغۇرلاردىكى «مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك» نى زەئىپلىشىشكە قارىتىلغان، دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مەۋجۇت تەڭسىزلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە، ئىجتىمائىي ئىختىلاپنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن رايوننىڭ مۇقىملىقىنى خالىسا، شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئاساسىدىن ئۆزگەرتىشى زۆرۈرلۈكى»نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە بېيجىڭدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى»نى تەڭشىگەن.

يېقىندىن بۇيان رايوندىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر باياناتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە باشقىچە قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.