خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇخالىق مىجىتقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە، مەكتەپكە ھۇجۇم قىلغان ئابدۇخالىق مىجىتقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئابدۇخالىق مىجىت شۇ مەكتەپتە ئۆزىنىڭ ئوغلى كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئاچىسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن ھادىسىنى مەكتەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ ئاققۇزالمىغاندىن كېيىن، نېرۋىسى بۇزۇلۇپ 2006 ‏ - يىلى 12 ‏ - ئايدا مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچىنى يارىلاندۇرغان ئىكەن.

باش ئورگىنى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋاتقان ئادەم سانى پۈتۈن دۇنيادا جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئادەم سانىدىن كۆپ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئادەم سانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكى. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.