خىتاي، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.01.30
2010.01.30
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل توختىتىش خىتاي ھەربىي قوماندانلىق شتابىنىڭ شتاب باشلىقى چېن بىڭدېنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي زىيارىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەنلىكى، نەتىجىدە ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي ئالماشتۇرۇشنى توختىشىش قارارى چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلى سابىق پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدىمۇ شۇنداق قارارنى ئالغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئۆز توربېتىگە تەيۋەنگە ئىلغار ھەربىي تىكئۇچار، ۋەتەنپەرۋەر تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئالاقە تېخنىكىلىرىنى تەيۋەنگە ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.