خىتاي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھازىرلىغان خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتنى تەنقىد قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دائىر دوكلاتنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتتىكى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادى سىياسىتىگە دائىر بايانلارنى رىئاللىقنى بۇرمىلىغانلىق ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىن قالغان كېسەللىك دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان 316 بەتلىك دوكلاتىدا ئېنېرگىيە، مۇھىت، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، سودا - ئىقتىساد، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركىتىنىڭ بۇ يىل 4‏ - ئايدا ئامېرىكا ئىنتېرنېت ئۇلانما يوللىرىنى "گۆرۈگە" ئېلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لېي خۇڭ جۈمە كۈنى مىنىستىرلىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دوكلاتتىكى بايانلارنى رەت قىلىپ، "بۇ دوكلات پاكىتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىنىڭ مەنتىقىسى ۋە سىياسى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن تولغان" دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن، ئۇ مەزكۇر دوكلاتتىكى قايسى كونكرېت نۇقتىلارنىڭ "سىياسى بىر تەرەپلىمىلىك، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر مەنتىقىسى بىلەن تولغانلىقى ھەم پاكىتنىڭ بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانلىقى" نى تىلغا ئالمىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاتالمىش بۇ كومىتېت جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ‏ - ئارا بىر ‏ - بىرىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش قارارى، تىبەت ۋە خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغان ئىدى.