خىتاي 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىدا خىتاي ئارمىيىسىنى جەمئىيەت مۇقىملىقنى قوغداشقا چاقىردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئاۋغۇست خىتاي ئارمىيە گېزىتىدە بېرىلگەن باش ماقالىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ ھەر خىل "كۈتۈلمىگەن" ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: " بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق جىنايى زوراۋان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك".

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشنى باستۇرۇشقا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىر نەچچە خىل قىسىملىرىنى ئىشقا سالغان ۋە نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ئىدى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ 12 نەپەر نامايىشچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نەق مەيداندا ئوقتا ئۆلگەن نامايىشچىلارنىڭ نەچچھە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.