خىتاينىڭ بېرمىدىكى ئەلچىخانىسى بېرمىدا داۋاملىشىۋاتقان مىس كېنى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ بېرمىدىكى ئەلچىخانىسى 30-نويابىر كۈنى ئەلچىخانا تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىدا داۋاملىشىۋاتقان مىس كېنى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق نامايىشىغا ئىپادە بىلدۈردى.

خىتاينىڭ بېرما ئەلچىخانىسى باياناتىدا، بېرمىدىكى مىس كېنى قۇرۇلۇشىنىڭ بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش پرىنسىپى بويىچە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىككى كۈندىن بۇيان بېرمىدىكى ئاھالىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە بۇددا راھىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن زور كۆلەمدىكى نامايىشچىلار، خىتاي-بېرما شىرىكچىلىكىدە، بېرمىدا ئېچىلىۋاتقان مىس كېنى قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقى ھەم مىس كېنىنىڭ مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئىدى.

بېرمىدىكى ئۆكتىچى تەرەپ ۋەكىلى ئانساڭ سۇچى بېرمىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئانساڭ سۇچى 30-نويابىر كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، بېرمىدىكى نامايىشچى ئامما ۋەكىللىرى ۋە بېرما ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.