خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش «چارىسى» نى بېكىتتى

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى» نى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس «ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» نى بېكىتىپ چىققان.

فېئىخۇئاڭ خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە ماددىي بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئاممىۋى خاراكتېردىكى ۋەقەلەر ۋە تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرسە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن قاتتىق چارە قوللىنىشى، ۋەقەنى ئالدىن-ئالا ۋە تېز سۈرەتتە بىر تەرەپ قىلىشى كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

«ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» دە يەنە جىددىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىياتى ھەمدە بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇر تارقاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى جازالاش تەدبىرلىرىمۇ بېكىتىلگەن.

خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەزەلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىش ئارقىلىق، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك يەنە قەشقەر، خوتەن، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە قارشى تەرەپنى تۇتقۇن قىلىپ، سوتلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق «چارە» ئارقىلىق ئۇچۇرغا بولغان قامالنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش «چارىسى» 6- ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن.