ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ چەتئەللەرگە قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان ئىشخانىلىرى، جايلاردىكى ھەر قايسى چوڭ تور بەتلىرى، شىنجاڭ بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ چەتئەللەرگە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان ئىشخانىسى مەسئۇللىرى ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ2009 - يىلىدا چەتئەللەرگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان تەشۋىقاتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاينىڭ بۇ يىل چەتئەللەرگە قارىتىلغان تەشۋىقاتى - كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغان 60 يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئوبرازىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بۇ جەرياندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە چۈشۈرگەن 537 - نومۇرلۇق بۇيرۇقى ئىزچىل ئىجرا قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا، خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى تارقىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تىل تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە تېخنىكىسىنىڭ ئىلغارلىقى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.