خىتاي دائىرىلىرى 20 ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
2012.08.02
خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق، بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە جىھات تەشۋىق قىلىنغان ماتېرىياللارنى تارقاتقانلىقى، يىغىپ ساقلىغانلىقى ۋە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىلدىن 15 يىللىققىچە بولغان ئېغىر قاماق جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلغان. ھازىرغىچە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن پەقەت ئۇلارنىڭ 8 ئىنىڭ ئاقسۇدىن، 3 ئىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن ۋە قالغانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايەت دەپ ئاتاپ، ئېغىر قاماق جازاسى بېرىۋاتقان ئىنتېرنىت ئىشلىتىشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن جازالىشى بىرلەشمە، رويتېرس، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، ب ب س ۋە شۇنىڭدەك باشقا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىماقتا.