خىتاي غۇلجىدا 19 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى

21 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي غۇلجىدا 19 نەپەر سىياسىي مەھبۇس ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ھۆكۈمنامىلەردە غەيرەت موللاياسىن، ئابباس زۇنۇن، ئەبەيدۇللا توختى، ئابدۇۋەلى ئىبراھىم قاتارلىق 19 نەپەر ياش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.27

ھۆكۈمنامىدا مەھكۇملارنىڭ جىنايى پاكىتلىرى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ تەبلىخ قىلغانلىقى ۋە تەبلىخ ئاڭلىغانلىقى، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، رۇخسەتسىز ئورۇنلاردا دىنىي پائالىيەت ئۈچۈن توپلانغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا غەيرەت موللاياسىننىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئەكرەم ئوسماننىڭ پارتلاتقۇچ ئۈچۈن بومبا سېتىۋالغانلىقى ۋە ئوت قويۇش ئۈچۈن 20 كىلو بېنزىن سېتىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ھۆكۈمنامىدا يەنە مەھكۇملارنىڭ خۇراپىي دىنىي ھۆكۈملەرگە ئاساسەن بىر ئۇيغۇر قىزىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى قاتارلىق قىلمىشلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئاخىرقى پاكىتلارنىڭ ئويدۇرما ياكى بۇرمىلانما پاكىتلار ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي جىنايەتكە ئارىلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. بولۇپمۇ ۋەتەن - مىللەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىغا زىيانكەشلىك قىلىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارىلاش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.