ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئورگان خادىملىرى ئامېرىكىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئاخبارات خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ ئورگاننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىگە ماسلىشىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان، يېڭى خەۋپلەرنى ئېنىقلاش ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 24-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ئورگان ھەققىدە توختىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسى تەخمىنەن 15% ئادەمنى «دۆلەت مۇداپىئەسى مەخپىي ھەرىكەت ئىدارىسى» غا ئىشلەشكە ئاجرىتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ھازىر بار بولغان يۈز نەچچە ئالاھىدە خادىم ئاساسىدا يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يەنە نەچچە يۈز نەپەر ئالاھىدە خادىمنى كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خادىم يەنە بۇ ئورگاننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خىتاي ھەم ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.