خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكچى

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېز قەدەم بىلەن بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىجارىي مەركىزى قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، "ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئەمەس، خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قەشقەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش" قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىي ئىزناسى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.