ئىنكاسلاردا ساقچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقى ۋە قانۇنسىز يوللار بىلەن بايلىق توپلاۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مىساللارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئەمما مۇخبىرىمىز ئەھۋال ئىگىلىگەندە رايوندىكى دائىرىلەر ساقچى خادىملىرىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
بۈگۈن شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى 4300 دىن ئارتۇق ساقچى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چارە كۆرۈلگەن. بۇلار ئاساسلىقى دېلولارنى قەستەن خاتا بىر تەرەپ قىلىش، دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىللاردىن شەخسىي پايدىلىنىش، قانۇنسىز تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن شېرىكلىشىش، قىمار ئويناش، بۇزۇقچىلىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە چېتىلىپ جازالانغان.
خەۋەردە گەرچە، ھەرقايسى رايون ۋە ئۆلكىلەردىكى ساقچىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى ئايرىم كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، مەزكۇر قىلمىشلارنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي ساقچى خادىملىرىغا ھەددىدىن زىيادە ھوقۇق بېرىلگەن جايلاردا كۆپلەپ سادىر بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئىچىدە نۇرۇلئىسلام، شۆھرەت تۇرسۇن ۋە دىلشات ئىسمائىل قاتارلىق كۆپلىگەن ياشلارنى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.