خىتاي كىم جۇڭئىلنىڭ سالامەتلىك مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان خىتاي تەتقىقاتچىسىنى نەزەربەنت قىلغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان خىتاينىڭ ياپونىيە مەسىلىلىرى بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى جىن شىدﯤ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەنت ئاستىغا ئىلىنىپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

جىن شىدﯤ 1 - ئاينىڭ باشلىرى ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى كىم جۇڭئىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىك بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جىن شىدﯤ 1 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى خىتاي ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ئائىلىسىگە قايتىپ كەلمىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، جىن شىدﯤ ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن كىم جۇڭئىلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارا سۆزلەپ يۈرگەن ئىكەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە جىن شىدېنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇ جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىگە كىم جۇڭئىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر ئاخباراتنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭ يۈي مىنىستىرلىكنىڭ پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكىنى، لېكىن بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جىن شىدﯤ خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ياپونىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاي ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، خىتاي ‏ - ياپونىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيتى.