تەيۋەن يېقىندا ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىدە خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى - كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ تەبرىكلەيدىغان كۈنى، تەيۋەندە ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر ھەققىدىكى ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقى دوندۇپ ۋۇنچىن ھەققىدىكى ئىككى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.30

خىتاي ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنى 'ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قوزغىدى،' دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىمۇ، ھەتتا دالاي لامانىمۇ مىللىي بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1949 ‏ - يىلى ماۋزېدوڭ بىلەن جاڭ كەيشى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىققان تەيۋەننىمۇ، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن دالاي لامانىڭ تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىنىشى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىيلىكنى، گەرچە تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى پەسەيتىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، تەيۋەندە بۇ قېتىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدىكى ھۆججەتلىكى فىلىملەرنى كوممۇنىست خىتاينىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ تەبرىكلەيدىغان كۈنىدە قويسا، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەرنى مۈشكۈللەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقى تەسەۋۋۇردىن يىراق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.