خىتاي خەۋپسىزلىك مىنىستىرى: 'توپىلاڭغا قاتناشقۇچىلارنى تۇتۇش سالمىقىنى كۈچەيتىڭلار '

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جەينجۇ 21 - ئىيۇلدىن 24 - ئىيۇلغىچە يەنە ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ، بوشۈن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ بۇ نۆۋەت "ئۇرۇشقا نازارەتچىلىك قىلىپ، قالايمىقانچىلىققا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن" كەلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مېڭ جەينجۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا، "دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىڭلار" ۋە "توپىلاڭغا قاتناشقۇچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى كۈچەيتىڭلار" دەپ يوليورۇق بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا يېقىندا ئېچىلغان خىتاي مەركىزىي سىياسىي بيۇروسى ئەزالىرى يىغىننىڭ روھى ۋە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقلىرىنى يەتكۈزگەن.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ئۈرۈمچى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى، ئالاھىدە ساقچى قىسمى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسمى باش شتابى، ساقچىلار ۋە رازۋېدكا مۇتەخەسسىسلىرىگە يوليورۇق بەرگەن.

بوشۈن تورىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مىڭ جەينجۇ بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە بەرگەن يول يورۇقلار، خىتاينىڭ "چېتىپ جازالاش ۋە كەلگۈسى ۋەزىيەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش" ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.