ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ شەخسى مال-مۈلكىگە ئائىت خەۋەرنى ئېلان قىلغان كۈندىن تارتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بىر قىسىم مۇخبىرلار، خىزمەتچىلەرنىڭ مەخپىي نومۇرلىرى ئوغرىلانغان، ئەمما ۋېن ئائىلىسىنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي خاككىرلار گېزىتنىڭ شاڭخەي ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ھەم شۇنداقلا ۋېن جياباۋ ئائىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئاپتورى داۋىد باربوزا ۋە گېزىتنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى خەۋەرلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىم ياردلىينىڭ مەخپىي نومۇرلىرىنى ئوغرىلىغان. ئەمما ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئائىت سەزگۈر ماتېرىياللارنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ياكى كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدىغان بىر دەلىل بايقالمىغان.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ياللىغان كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى شىركىتى خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئىلگىرى خىتايدىن كەلگەن ھۇجۇملارنىڭ خاراكتېرىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى خەۋەرنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلدى.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، بۇلتۇر 10-ئايدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مال-دۇنياسى ھەققىدە بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە-ئاۋابىئاتىنىڭ ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور مىقداردا مال-دۇنيا توپلىغانلىقى ۋە مال دۇنياسىنىڭ 27 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.