خىتايدا يەنە زەھەرلىك مادا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكى بايقالدى

خىتاي دائىرىلىرى زەھەرلىك مادا مېلامىن قوشۇلغان 100 نەچچە توننا سۈت پاراشوكىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شىنخۇئا ئاخباراتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى خېبېي، شەنشى ۋە تيەنجىن ئۆلكىلىرىدىكى پاراشوك زاۋۇتلاردىن تېپىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.08.21

بۇ نۆۋەت مۇسادىرە قىلىنغان زەھەرلىك سۈت پاراشوكى جەمئىي 103 توننا ئەتراپىدا ئىكەن. تەكشۈرۈشتە مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 14 گۇماندار قولغا ئېلىنغان.

2008 - يىلى خىتايدا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈنگەن ۋە 300 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ زەھەرلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.