مەزكۇر خەۋەرنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدە ۋە يەنە بىرى شاڭخەيدە بايقالغان.
رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايدا يەنە، 24 - ماي يەكشەنبە كۈنىمۇ ئىككى نەپەر چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى بايقالغان. H1N1 تىپلىق چوشقا زۇكىمى 43 دۆلەتتە تارىلىپ 1200 دىن كۆپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 86 ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان ئىدى.
خىتايدا بايقالغان چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارلىرى خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىدىن بولۇپ، تۇنجىسى 12 - ماي سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە بايقالغان ئىدى.