چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كېڭىيىۋاتىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتىدىن قارىغاندا، چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كېڭىيىۋاتىدۇ. مېكىسكىدا ھازىرغا قەدەر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان ئادەم سانى 395 كە يەتتى بۇ خىل يوقۇملۇق كېسەللىك مېكىسكىدىن دۇنيا تارقالغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر باشقا دۆلەتلەردە يۇقملانغانلىقى ئېنىقلانغان بىمار سانى 365 كە يەتتى.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىدە بىر بىمارنىڭ، ئىتالىيىدە بىر بىمارنىڭ چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانلانغانلىقى ئېنىقلاندى.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، ياپونىيە سەھىيە مىنىسىتىرى يويچى ماسۇزوي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا، چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ھازىرقى 5 ‏ - دەرىجىدىن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە، يەنى 6 ‏ - دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

ياپونىينىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكللەردىن ساقلىنىش تارماقلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر چوشقا زۇكامىنىڭ يۇقۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇخىل كېسەللىكنى يۇقتۇرۇۋالغان شەخسنىڭ ئۈچىنجى بىر شەخسكە يۇقتۇرۇشى كېلىپ چىقىپ، تارقىلىشى كېڭىيىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا ۋە ياشانغانلارغا بولغان تەھدىتى ئۆرلەۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما چوشقا زۇكامى مەسىلىسى بۇيىچە ئىككىنجى قېتىملىق كابىنىت يىغىنى ئېچىپ 'چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىش تېزلىكى باشقا خىلدىكى زۇكاملاردىن قانچىلىك پەر قىلىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم، ئەمما بىز بۇخىل يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىشى ئەڭ تېز بولىدىغان مۇشۇ پەسىلدە ئەڭ يامان ۋەزىيەتنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىق كۆرىمىز' دەپ جاكارلىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن مېكىسكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يۇلۇچىلار ئايرۇپىلانىنى ۋە مېكىسكا - شاڭخەي - خوڭكوڭلار ئارا سودا قىلىپ يۇرىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئۆتكۈنجى ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە مېكىسكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىدى. شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھازىر چەتئەللەردىن كېىلىدىغان پوچتا خالتىلىرىنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

'شىنجاڭ گېزىتى' نىڭ بۈگۈن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چوشقا زۇكامى تېز تارقىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 'چوشقا زۇكامىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ' دېگەن نام ئاستىدا، 4 ‏ - ئاينىڭ 30 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ ئالاتاۋ چېگرا پونكىتىدا يۇلۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىدى.