گەرچە، خىتاي خاككېرلىرى بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنى دائىم ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەتلىك 1 - ئۆكتەبىر ھارپىسىدا خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان ۋىرۇس ھۇجۇملىرىنىڭ قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجە ئاشقان.
رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى تەتقىقاتچى نىكولاس بىكولىن، بۇنىڭ خىتايدا مۇھىم كۈنلەردە ئېلىپ بارىدىغان شۇ خىلدىكى ۋىرۇس ھۇجۇملىرى ئەندىزىسىگە ياتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ يەنە، بۇ خىتاي خاككېرلارنىڭ كەينىدە ھۆكۈمەتنىڭ بار يوقلۇقىغا بىر نەرسە دېمەك تەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خاككېرلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمىدا خۇددى خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تونۇشلىرىدىن كەلگەن ئېلخەت سىياقىدا ئەۋەتىلىدىغان ۋىرۇسلۇق خەتلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي خاككېرلىرى ئۆتكەن يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدىمۇ، خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى، ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلىرىغا ۋىرۇس ھۇجۇمى قوزغىغان ئىدى.