ئوكرائىنىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر رۇسىيىلىك ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا ئوكرائىنىيىنىڭ قىرىم ئارىلىدىكى بىر تەجرىبە مەيدانىدا خىتايغا ئاخبارات توپلاۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان. لېكىن ئوكرائىنىيە تەرەپ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بۇ رۇسىيىلىكنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئوكرائىنىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي جاسۇسى ئوكرانىيە ھەربىي سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان.
بۇ ئوكرائىنىيە دائىرىلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 2-جاسۇسلۇق دېلوسى. ئوكرائىنىيە بۇ يىل 2- ئايدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان 3 نەپەر ئوكرانىيە پۇقراسىنى جازالىغان ئىدى. بۇ 3 نەپەر خىتاي جاسۇسى ئوكرائىنىيىنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلان رېمونت زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان خادىملار بولۇپ، ئۇلار رۇسىيىدە ياسالغان سۇ -27 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چېرتيوژىنى كوپىيە قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ 3 نەپەر ئوكرانىيىلىككە 800 مىڭ دوللار بېرىشكە ۋەدە قىلغان.
ھەربىي ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي رۇسىيىدىن سېتىۋالغان بەزى قورال - ياراقلارنىڭ زاپچىسى ئوكرائىنىيىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئوكرائىنىيە ھەربىي سانائىتىگە قىزىقىدىكەن.