بۇ سەۋەبتىن شەنبە كۈنى خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا قارشىلىق بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ رايون باشلىقى لياڭ جىڭيىڭ دۆلەت تەربىيىسى دەرسلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە مەسلىھەتلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە يېڭى دەرسلىكنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نامايىشقا قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بولسا، مەزكۇر تېمىدا ھۆكۈمەت بىلەن ئارتۇقچە مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى دائىرىلەرنىڭ مۇزاكىرىگە سېلىش ئارقىلىق مەزكۇر دەرسلىك پىلانىنى ھەققانىيلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭلۇق ئاتا-ئانىلار مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تېڭىلغان دۆلەت تەربىيىسى دەرسلىكىنى خىتاي كومپارتىيىسىگە ساداقەتمەنلىكنى يېتىشتۈرۈش تەربىيىسى دەپ قاراشماقتا ۋە بۇنى ئەۋلادلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قاراشماقتا.