خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭ زىيارىتىدە خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى خوڭكوڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە خوڭكوڭ ۋالىسى لىياڭ جېڭيىڭنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.29

بىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ خەلقى 1‏-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى پارىخورلۇق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي كىرىم پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىكەن.

خەۋەرلەردە، نامايىشنىڭ خوڭكوڭدا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىش، خوڭكوڭ رەھبىرىنى سايلام ئارقىلىق سايلاش، ئاخبارات ئەركىنلىكى، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى زاتلارغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى سايلامغا تەسىر كۆرسىتىپ، لياڭ جىڭيىڭنىڭ سايلىنىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. 6-ئاينىڭ باشلىرى نەچچە مىڭ خوڭكوڭلۇق نامايىش قىلىپ، خىتاي ئەمگەك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى لى ۋاڭياڭنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. لى ۋاڭياڭ 20 يىل تۈرمىدە يېتىپ، ئۆتكەن يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يېقىندا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بىراق خۇنەنلىك مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۆلۈمى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2047-يىلغا قەدەر خوڭكوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقى ۋە غەرب دېموكراتىيە ئىستىلىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلاشماسلىققا، 2017‏-يىلى خوڭكوڭ ۋالىسىنى سايلام ئارقىلىق سايلاشقا، 2020-يىلى پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق كونكرېت پىلان ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان. بۇ نۇرغۇن خوڭكوڭلۇقلارنى بىئارام قىلىپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.