رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروفۇمى ناكاسونې مەزكۇر سۆزلەرنى 5 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بۇ ھەقتە دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان.
گەرچە ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ خىتايچە دۇڭخەي، ياپونچە ھىگاشى شىنا كاى دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە تەبىئىي گاز قېزىشنى باشلىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ 2008 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىروفۇمى ناكاسونې " شۇڭا بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمز ھەمدە خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرىمىز" دېگەن ۋە خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە جىددىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتىدە بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە گاز بۇرغىلاش "خىتاينىڭ مىراس قالغان ئىگىلىك ھوقۇقى" ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئەمما ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.